Uyghur Art Exhibition in Munich

Uyghur Art Exhibition in Munich

https://www.gofundme.com/f/uyghur-art?qid=2170f05cea53f272e85a4eed15a65b76

Organizer: Akeda Juma, Washington D.C.

Date created: February 2nd, 2024

Platform: Gofundme.com

Type: Uyghur Heritage, Art

“The Spirit of the Euphrates Poplars” Uyghur Art Exhibition

Six Uyghur artists from the globe have come together as “The Spirit of the Euphrates Poplars” to organize a three-day fine art exhibition at the Schloss Blutenburg Cultural Center in Munich, Germany, from June 7th to 9th, 2024. Uyghur culture and language are being erased in the Uyghur homeland of East Turkistan. Through the “The Spirit of the Euphrates Poplars” art exhibition, we want to:

• Demonstrate the ancient history of the Uyghur people, who not only contributed tremendously to the world civilization but also played a significant role in its spread.

• Showcase the Uyghur cultural heritage and pride to raise awareness through art, while offering hope to Uyghurs across the diaspora.

We’ve begun this important work without a source of funding due to the scarce financial resources among the small-sized Uyghur communities in the diaspora. In order to reach our goal of organizing an exhibition that meets global standards, we need strong financial support and solidarity of the global community.

«توغراق روھى» ئۇيغۇر رەسساملار گۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمىسى ئېچىش ھەققىدە خەلقىمىزگە مۇراجىئەت

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئالتە نەپەر ئۇيغۇر رەسسام ئۆزئارا تەشكىللىنىپ «توغراق روھى» نامىدا بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئۇيۇشقان ئىدۇق. بىز 2024- يىلى 7- ئىيۇندىن 9- ئىيۇنغىچە، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جايلاشقان شىلوس بلۇتېنبۇرۇگ مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۈچ كۈنلۈك گۈزەل- سەنئەت كۆرگەزمىسى ئېچىشنى پىلانلىدۇق. مەقسىتىمىز، ئانا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا مەدەنىيىتىمىز ۋە تىلىمىز يوقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا مەدەنىيەت تارقاتقان قەدىمىي بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلىش. جۈملىدىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىمىزگە سەنئىتىمىز ئارقىلىق ئۈمىد بېرىش.

بىز ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنبەيىمىز بولمىغان شارائىتتا، بۇ ئۇلۇغۋار نىشان ئۈچۈن قەدەم ئالدۇق. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنىڭ زامانغا لايىق ھالدا سۈپەتلىك ۋە دۇنياۋى سەۋىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن دۇنيا جامائىتىنىڭ بىزنى ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشىغا موھتاجمىز. خەلق سەنئەتكارلىرى ئۆز خەلقىنىڭ قۇچىقىدا يېتىلىدۇ. ياردىمىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.

كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرغۇچى رەسساملار:

مەرۋايىت ھاپىز (گېرمانىيە)، گۈلناز تۇرسۇن (قازاقىستان)، ئەكرەم ئىمىن (نورۋېگىيە)، سانىيە ئىمىن (ئامېرىكا)، كامىللا دىلشات (ئەنگلىيە).

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *