ئۇيغۇرلۇقنى ساقلاپ قىلىش سزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج

ئۇيغۇرلۇقنى چەتئەللەردە ساقلاش

تېمىسى: ئۇيغۇرلۇقنى ساقلاپ قىلىش سزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج

تەشكىللىگۈچى: ئۇيغۇر پىروجېكىت فوندى

تەشكىللىگۈچى شەخس: ئەركىن سدىق

پۇل يېغىش سۇپىسى: فايىس بۇك

ئىلان قىلغان ۋاقتى:8-مارت

تۈرى: كىملىك ۋە مەدەنىيەت

ئەسلى ئۇلانمىسى ۋە تېكىستى
  

ھازىر ئۇيغۇر ئانا تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى چەت ئەلدە ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق بولغان، ئۇيغۇر پىروجېكت فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە موھتاجلىق بولغان تۈرلەرمۇ داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. مىللەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چەت ئەلدە قىلغىلى بولىدىغان ھەممە ئىشلارنى قىلىپ ياشاش — ھەممىمىزنىڭ تارىخىي مەجبۇرىيىتى ۋە تارىخىي بۇرچى. ئۇ ئىشلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىشتا ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى ھەممىڭلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە موھتاج.

ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى ھازىرغىچە قىلغان مۇھىم ئىشلارنى بىز قىسقىچە خۇلاسىلەپ قويغان بولۇپ، ئۇنى بۇ يەردىن ئوقۇيالايسىلەر: https://uyghursfoundation.org/…/uyghur-project-fondi…/.

رامىزان ئېيى — ساخاۋەت ئېيى. ھازىرقىدەك بىر مىللەت سۈپىتىدە يوقاپ كېتىش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن، مىللەتنى چەت ئەلدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تۈرلەرگە ئىقتىساد جەھەتتىن ياردەم قىلىشتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ساخاۋەت ئىشلىرى يوق. بىز بۇ يىللىق رامىزان ئېيىدا ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان بارلىق قېرىنداشلارنى ئاتىغانلىرىنى ئۇيغۇر پىروجېكت فوندىغا ئىئانە قىلىشقا چاقىرىمىز. بىز بۇ ئىشقا تۆھپە قوشىدىغان قېرىنداشلارغا ئالدىنئالا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

ھۆرمەت بىلەن،

ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى رەئىسى ئەركىن سىدىق

فېيىسبۇكتىن باشقا پۇل ئەۋەتىش ئۇسۇللىرىمۇ بار:

پايپال: donate@UyghursFoundation.Org

توربەت: https://uyghursfoundation.org

تۈركىيە، ياپونيە، ئاۋسترالىيە، ياۋروپا ۋە ئامېركىدا تۇرۇشلۇق، ئەمما تۇر ئارقىلىق ئىئانە قىلىش قولايسىز ساخاۋەتچىلىرىمىز بولسا، بىزنىڭ شۇ دۆۋلەت ۋە رايونلاردا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىلىرىمىز ئارقىلىق ئىئانە قىلسا بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ساخاۋەتچىلىرىمىز بىز بىلەن ئالاقە قىلسا شۇ يەرلەردە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىلىرىمىزنىڭ ئالاقە ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيمىز.

2024-يىلى 17-مارت

https://www.facebook.com/erkin.sidiq/posts/pfbid0HfqQveZSERSg1obSkxN1xxkLFe5oEhZ8Uz7y7beb5wVsZbapeg2vhJQxaNKQe2gBl

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *