ئامېرىكىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى’ بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىڭ

Uyghur Amerika-medeniyet-merkizi

تەشكىللىگۈچى: ئامېرىكا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى

ۋاقتى:18-مارت

تۈرى: ئۇيغۇر مەدەنىيتى

سەھنە:Gofundme.com

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت،

ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمىي، مەدەنىيەتلىك خەلقىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى ۋە تىلى باردۇر. ئەپسۇس بۇ گۈزەل مەدىنىيىتىمىز، ئىپادىلەشكە باي ئەۋرىشىم تىلىمىز، نەچچە مىڭ يىللىق مىراسلىرىمىز خىتتاينىڭ ئىرقىي ۋە مەدەنىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن يوقاپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

ئامېرىكىدىكى ئازغىنا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تەركىبىدە مۇبارەك ئىسلام دىنىمىزنى ئۆگىىنش ۋە ئىبادەت قىلىش ئۇچۇن مەسچىت، ئۇيغۇر تىلىنى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆگىتىش ئۇچۇن ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى، جامائىتىمىزنىڭ يىغىلىپ، ھېيت- بايراملارنى بىرگە تەنتەنە قىلىش ئۈچۈن جامائەت پائالىيەت ئۆيى، تارىخىي مىراسلىرىمىزنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا مىراس قالدۇرۇش ئۇچۇن، تارىخىي مىراسلىرىمىزدىن ئابىدىلەر توپلانغان كۆرگەزمە ئۆيى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان ئۇنىۋېرسال بىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى / پروجېكت داۋام قىلىۋاتىدۇ.
ئەگەر سىزمۇ ئۇيغۇر بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىڭىزنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىڭىزغا مىراس قالدۇراي دېسىڭىز، كەلگۈسى پەرزەنتلىرىڭنىڭ ئۇيغۇر مىللى كىملىكى ۋە مۇسۇلمانلىق كىملىكى بىلەن داۋام قىلىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، بۇ مەركەز قۇرۇلۇشىنىڭ تېزراق پۈتۈپ چىقىشىنى قوللاڭ، ياردەم قىلىڭ.
دوست- بۇرادەرلىرىڭىزنىمۇ بۇ قۇرۇلۇشنى قوللاشقا، ياردەم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىڭ.
بۇ قۇرۇلۇش/پروجەكت سىزنىڭ ۋە سىزگە ئوخشاش مىللەت سۆيەر خەلقىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
سىزنىڭ بۈگۈن قىلغان ھەر بىر دوللار ياردىمىڭىز، كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىگەن ھەر بىر سۆزىگە باراۋەردۇر، سىزنىڭ بۈگۈن قىلغان ھەر بىر دوللار ياردىمىڭىز، كەلگۈسىدە مەسجىدىمىزدە ئوقۇلىدىغان نامازلاردا سەۋەب بولغۇسى، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مۇسۇلمان كىملىكى بىلەن داۋام قىلىشىنىڭ مەنبەسى بولغۇسى. ئۇلارنىڭ قىلغان ھەر بىر دۇئاسى سىز ۋە ئائىلىڭىزنىڭ سالامەتلىكى، بەرىكىتى ئۇچۇن بولغۇسى،
سېخى ۋە مەرد ئۇيغۇرۇم، ياردىمىڭىزنى ئايىماڭ.

ھۈرمەت بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى

https://www.gofundme.com/f/help-create-the-uyghur-american-cultural-center?utm_campaign=p_cp+fundraiser-sidebar&utm_medium=copy_link_all&utm_source=customer

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *